返回


ئەخمەق
▶播放
歌词
بۇرۇن بىز مۇشۇنداق ياشىغان،
باشقىلارنىڭ كۆزىگە ياخشى،ئېسىل كۆرۈنۈش ئۈچۈن،
ئۆزىمىزنى قاتمۇقات نىقاپ بىلەن ئورىغان.
كۈلكىمىزنى ئۆلچەپ، سۆزىمىزنى تۈزەپ،
تىنچ قىياپەتتە گۈزەل كۆرۈنۈشكە تىرىشقان.
يېقىن كەلگەندەك قىلساقمۇ،
ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىمىزدىن يىراقلىشىپ كەتكەن.
«ئەخمەق» دەپ ئاتىلىشتىن قورقاتتۇق،
شۇڭا يۈرىكىمىزنى يوشۇرۇپ، ئۆزىمىزنىمۇ يوقاتتۇق.
بۇنداق ياشاش بەك چارچىتاتتى،
ھەممىمىز ئەسلىمىزنى يوشۇرۇپ، ئىچىمىزدە چارچاپ ياشىدۇق .
جاھان ئۆزى سوۋۇپ كەتمىگەن،
بىز يۈرىكىمىزدىكى ئىلىقلىقنى ئۆزىمىز توسۇۋالدۇق.
سەبىلىگىمىزنى،تەبىلىگىمىزنى ئېسىللىق ئارقىسىغا يوشۇردۇق،
جاھاننى سوۋۇتقان بىز ئۆزىمىز ئىدۇق.
ئەمدى «ئەخمەق» دەپ ئاتىلىشتىن قورقمايلى،
چۈنكى ئەخمەق ئاتالغان ۋاقتىمىز،
ياسالمىلىق قىلمىغان ۋاقتىمىز.
بۇ ئەخمەقلىق ئەمەس،
بۇ بىزنىڭ ئەسلى يۈزىمىز.
ئەمدى مەن ساختىلىقىمنى «ئېسىل» دەپ ئاتىغۇم يوق،
چارچاشنى سەۋىر قىلاي دەپمۇ يۈرمەيمەن ،
مۇزلاپ كەتكىنىمنى ئويغۇنۇش دەپ ئاتىغۇم يوق.
ئەگەر ئېسىللىق مېنىڭ تەبىلىگىمنى يوقاتسا،
مەن يىغلايدىغان ، خاتالىق قىلىدىغان،ۋايجان دەيدىغان، ھاياجانلىنىدىغان، ئىشچانمۇ بۇلىدىغان،ھورۇنلۇقمۇ قىلىدىغان
ھەقىقىي يۈرەك بىلەن ياشايدىغان،تەبىئىي ئادەم بولۇشنى تاللايمەن.
تەبىئىي ھالىتىمىزگە قايتقاندا،
يۈرىكىمىزدىكى نۇر يەنە يورۇيدۇ.
بىر-بىرىمىزگە يۈرىكىمىزنى ئاچقاندا،
جاھان يەنە ئىللىيدۇ، رەڭدار بولىدۇ،ئىپار ئەنبەر ئەتراپنى بىر ئالىدۇ .
نىقاپلارنى تاشلاپ، قەلبىمىزنى ئاچقاندا،
سۆيگۈ ئارىمىزدا راۋان ئايلىنىپ ، ھەمىمىزنىڭ ھاياتى خىلمۇخىل مىۋە بېرىدۇ.
ئەمدى قايتىپ «ئەخمەق» ئاتالغان ئەسلىمىز بولايلى،
چۈنكى ئەخمەق ئاتىلىپ قالغان ھەقىقى ئۆزىمىز بىزنى ساخلاۋاتىدۇ ،ئىزچىل ئازاپ بىلەن بىزنى چاقىرۋاتىدۇ .
سۆيگۈنى باھالاپ سېتىۋەتمەيلى،
يۈرەكنى ھېساب بىلەن ئۆلچىمەيلى.
تەبىئىي بولساق، جاھان ئىللىيدۇ،
ئەسلىمىز بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىنلىشىمىز.
بۇ ئەخمەقلىق ئەمەس،
بۇ بىزنىڭ ئەسلى يۈزىمىز.
بىز ئەمدى ئۆزىمىزنى يوشۇرمايلى .
ئەخمەق بولساقمۇ، ھەقىقىي بولايلى.
ئەگەر «ئەخمەق» دەپ ئاتىلىپ قالسا،
بۇ ئاتالغۇدىن قورقمايلى.
سۆيگۈگە قايتايلى،
ئويغۇنايلى.
بىز يەنىلا شۇ يەردە،
ئەخمەق، ئەمما ئەسلى ھالىتىمىزدە.
گۈلباھار قاسىمنىڭ يۈرەك ساداسى
