توزىماقتا چۈشلىرىمنىڭ ياپرىقى،
يۈرىكىمدە قىش سەلكىنى ئۇيۇقلۇق.
كۆزلىرىمدە ئۆڭۈۋاتقان ئۇپۇقنىڭ،
يالقۇنىدا ئاقار زەرداب سۇيۇقلۇق .
مۇھەببەت ئۇ، خىياللارنىڭ ئالۋۇنى،
ئاجىز كەلدىم ئۇنى سۈنئىي ياساشتىن.
ئۈمىدسىزلىك ئۈزىدىكەن كۆڭۈلنى،
قايتتى رايىم بۇ تەرىقە ياشاشتىن .
چىرمىماقتا ۋۇجۇدۇمنى غېرىپلىق،
خۇمار بولدۇم ھەي، بىر يۇتۇم زەھەرگە.
تالاشمايمەن ھېچكىشىدىن ھېچنىمە،
كېتەي بولدى، دادام كەتكەن شەھەرگە .