[male vocal]
چۈشۈمدە كۆرسەم
سىنى تۇنجى كۆرگىنىمدە يار
ئاشىق بولدۇم قارا كۆزۈڭگە يار
ئوخشايسەن ئاسماندىكى تولۇن ئايگە
سىنى كۆرسەم دەيمەن ھەر كۈن چۈشۈمدە
گۈلباغلاردا بىللە سەيلە قىلىپ
بولاي سىنىڭ ئاق ئاتلىق مەن شاھزادەڭ
سەن بولغىن مىنىڭ ئاشۇ مەلىكەم
كەچ كۈزلەردە ياپراق تۈكۈلگەندە
توي قىلايلى بىز مەڭگۈگە
- تۇرسۇنجان قاسىم